خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرى ھەققىدە دوكلات تەييارلاش تەلەپ قىلىندى

خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرى ھەققىدە دوكلات تەييارلاش تەلەپ قىلىندى

خەۋەر يەتتە تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسەتلىرى قانۇنى»نىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىن «خىتايىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا  يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشى» ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك بىر دوكلات تەييارلاش تەلەپ قىلىنغان.

مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ياشاۋاتقان ۋە خىتاي يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىملارغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تەنقىتىگە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە تۇتۇپ كېتىش قىلمىشلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى تەلەپ قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغانلىقى، دوكلاتتا يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا زور تۈركۈمدىكى كىشىلەرنىڭ «خەۋپنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى» نامى بىلەن ناھەق تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، لاگېرغا سەۋەبسىز ئېلىپ كېتىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك ھەم مەدەنىيەتلىرىنى يوقۇتۇش نىشان قىلىنغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىتىگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 772 قېتىم كۆرۈلدى
14/09/2019 15:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق