مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئىلگىرىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى تەلەپ قىلىندى

مېركېلنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئىلگىرىكى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشى تەلەپ قىلىندى
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنى خىتاي زىيارىتىدە خىتايغا قارشى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغان.
خەۋەردە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېلنىڭ جۈمە كۈنى بىر قىسىم گېرمانىيە كارخانىچىلىرىنى باشلاپ خىتايغا زىيارەت بارىدىغانلىقى، مېركېلنىڭ خىتاي سەپىرى ئالدىدا بىر قانچە دۆلەت ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتىدە خىتايغا قارشى مەيداندا چىڭ تۇرۇشقا چاقىرغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ئەمەلدارىنىڭمۇ بار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم سىياسى تەھلىلچىلەر: «خىتاي ئىلگىرى خوڭكوڭ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ھەققىدە ب د ت غا قىلغان ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمايلا قالماستىن، بەلكى تىبەت ۋە شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقى قىلىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ خىل سىياسىتى گېرمانىيەنىڭ قىممەت قارىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى » دەپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ئانگېلا مېركېلنى خىتايغا قارشى مەيداندا چىڭ تۇرۇشقا ئۈندىگەن.

بۇ خەۋەر 926 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2019 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق