ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى
«بۈگۈنكى مىسىر» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىردىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
باياناتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «ب د ت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى بېرىش، تەرتىپسىز سوتلاش، ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى لاگېرلارغا قاماش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى، دىنىي ئەركىنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىۋاتىدۇ. مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەرنىڭ راست-يالغانلىقىغا چۈشەنچە بەرسۇن. ئەگەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرغانلىق ھەققىدىكى خەۋەر راست بولسا، بۇندىن كېيىن مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنى خەتەرگە ئىتتىرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مىسىر ھۆكۈمىتىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشقا چاقىرىمىز».
مىسىر ھۆكۈمىتى 2017‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ باشلىرىدا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئومۇمىيۈزلۈك تۇتقۇن قىلىپ، خىتايغا قايتۇرغان ئىدى. نەتىجىدە مىسىردىكى ئۇيغۇرلار تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ بېرىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان. مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. مىسىر كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ۋەقەدىن ئىككى يىل كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى مەلۇم ئەمەس.
مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلىدىكى تۇتقۇن قىلىشتا 90 نەچچە ئۇيغۇر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. تۇتقۇندىن كېيىن مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئالتە مىڭغا يېقىن ئۇيغۇر ھەرتەرەپكە قېچىپ كېتىپ، 50 كە يېقىن ئائىلە قالغان.

بۇ خەۋەر 1221 قېتىم كۆرۈلدى
02/09/2019 15:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق