قەھرىمانماراش ئاخىرى خىتاي بىلەن قېرىنداش بولدى

قەھرىمانماراش ئاخىرى خىتاي بىلەن قېرىنداش بولدى

قەھىرىمانماراش شەھىرى خەلقنىڭ قارشىلىققا قارىماي، خىتاي بىلەن قېرىنداش شەھەر بولدى.
23-ئاۋغۇست تۈركىيەنىڭ قەھرىمانماراش شەھىرى بىلەن خىتاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرىنىڭ قېرىنداش شەھەر بولۇش كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويۇشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىق خەۋىرى تارقىلىپ، يەرلىك تۈرك خەلقى ۋە ئۇيغۇرلار بىرلىكتە كوچىغا چىقىپ قارشى تۇرغان ئىدى. خىتاينى چۈشىنىدىغان بىر قىسىم ئاكادېمىكلار، يازغۇچىلار قەھرىمانماراش شەھەر باشقۇرغۇچىلىرىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قېنىنى ئىچىۋاتقان خىتايلار بىلەن قېرنداش بولماسلىققا چاقىرغان ئىدى.
نامايىش قىلغان خەلق «قەھرىمانماراش، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا شېرىك بولما» دېگەن پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، ئاگاھلاندۇرۇش شوئارلىرىنى توۋلىغان، شۇنداقلا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ كېلىشىم ئارقىلىق بىر تەرەپتىن تۈركىيەدە ئالدامچىلىق سىياسەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زېمىن ھازىرلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تۈركىيەگە بولغان ئىشەنچىنى ۋە مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
بىراق قەھرىمانماراش ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى خەلقنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلماي، بۈگۈن خىتاينىڭ يىۋۇ شەھىرى بىلەن قېرىنداش شەھەرلەردىن بولۇش كېلىشىمنامىسىگە ئىزا قويغان.

بۇ خەۋەر 983 قېتىم كۆرۈلدى
26/08/2019 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق