ئايرودرومدا نامايىش قىلىش چەكلىمىسىنىڭ ۋاقتى ئۇزارتىلدى

ئايرودرومدا نامايىش قىلىش چەكلىمىسىنىڭ ۋاقتى ئۇزارتىلدى

23-ئاۋغۇست خوڭكوڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى خەۋەر قانىلى «RTHK» خوڭكوڭ ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئايرودرومدا ئايروپىلان سەپەرلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى ئۇچۇشقا توسقۇنلۇق پەيدا قىلىدىغان پائالىيەتلەرنى چەكلەشكە ئالاقىدار قارارىنىڭ مۇددىتىنى ئىككىنچى ھۆكۈم كەلگەنگە قەدەر ئۇزارتقانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە خوڭكوڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى چىقارغان بۇ ھۆكۈمنىڭ خەلق ئارىسىدا «ئايرودرومدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ» دېگەن سۆزلەر تارقىلىشقا باشلانغاندىن كېيىن چىقىرىلغانلىقى، بۇنىڭ ئايرودروملارنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ۋە شىركەتلەرنىڭ مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.
خوڭكوڭدا توختىماي داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار 13-ئاۋغۇست ئايرودرومغىچە كېڭەيگەن ئىدى. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش سەۋەبىدىن يۈزلىگەن نۆۋەتچى ئايروپىلان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا ئالىي سوت مەھكىمىسى شۇ ھەپتىدە ئايرودرومدا رۇخسەتسىز نامايىش قىلىشنى چەكلىگەن ۋە ئايرودرومنىڭ بەلگىلەنگەن جايلىرىدىلا نامايىش قىلىشقا رۇخسەت قىلغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 799 قېتىم كۆرۈلدى
24/08/2019 15:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق