ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئامېرىكا ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئامېرىكا ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشتى

23-ئاۋغۇست ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلەيد شەھىرىدە ئامېرىكا زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.
نۇرمۇھەممەد تۈركىستانىي باش ئەلچىنىڭ ئادېلەيدگە قىلغان زىيارىتىگە ۋە مەزكۇر ئۇچرىشىشقا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنڭ يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا تۇتقان ئاكتىپ مەيدانىغا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان ئەمەلىي ياردەملىرىگە، بولۇپمۇ ئامېرىكا قانۇن چىقارغۇچى ئەمەلدارلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قانۇنىي يوللار ۋە خەلقئارا تەسىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئاۋاز بېرىۋاتقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى.
سۆھبەتتە يەنە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتى باش كاتىپى مۇستاپا تۇران خىتاينىڭ يالغۇز شەرقىي تۈركىستاندىلا قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالماي، خەلقئارادىمۇ سىياسىي نەيرەڭلىرى، ئىقتىسادىي ئالدامچىلىقلىرى ۋە دىپلوماتىك ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن دۇنيا تىنچلىقى ۋە رايونلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي زوراۋانلىقى ۋە كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتا ئامرىكا ۋە باشقا تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ جىددىي ئىستراتېگىيە شەكىللەندۈرۈشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى تېزدىن توسۇشقا چاقىردى.

بۇ خەۋەر 1763 قېتىم كۆرۈلدى
23/08/2019 18:31:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق