پاكىستان ھىندىستان ئۈستىدىن خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنماقچى

پاكىستان ھىندىستان ئۈستىدىن خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنماقچى
خەۋەر يەتتە تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىرگە مۇناسىۋەتلىك قارارىغا قارشى خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەشى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا ئىپادە بىلدۈرۈپ، بەزى قانۇنىي نۇقتىلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ جاممۇ كەشمىرگە مۇناسىۋەتلىك قارارىغا قارشى خەلقئارا سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى، بارلىق قانۇنىي يوللار مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ مۇستەھكەم، روشەن ۋە پىرىنسىپقا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، بۇ مەيدانىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 651 قېتىم كۆرۈلدى
22/08/2019 17:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق