شەرقىي تۈركىستاندىكى چەتئەل شىركەتلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېتىبارغا ئېلىشى كېرەك

شەرقىي تۈركىستاندىكى چەتئەل شىركەتلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېتىبارغا ئېلىشى كېرەك

17- ئاۋغۇست خەۋەر يەتتە تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفىيە رىچاردسون «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ« شەرقىي تۈركىستاندىكى چەتئەل شىركەتلىرى كىشىلىك ھوقۇققا ئېتبار بېرىش كېرەك، بولمىسا رايوندا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولۇپ قالىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

رىچاردسون خانىم ماقالىسىدە،  شەرقىي تۈركسىتاندىكى چەتئەل شىركەتلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ئېتىبارغا ئېلىشى كېرەك، بولمىسا خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك بولىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى نەزەردە تۇتۇلغاندا  خەلقئارا شىركەتلەرنىڭ رايوندىكى سودا مەشغۇلاتلىرىغا تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشى كېرەكلىنى ئاگاھلاندۇرغان.

ماقالىدە يەنە،  ھاللىبۇرتون، دۆلەتلىك ۋاسكېتبول جەمئىيىتى نبا قاتارلىق ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ياردەملەشكەنلىك تارىخىي بارلىقى، بەزى شىركەتلەر جەمئىيەتنىڭ بېسىمىدا سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، لېكىن بەزى شىركەتلەرنىڭ بۇرۇنقى سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

 رىچاردسون خانىم ماقالىسىدە يەنە، خىتاينىڭ كېدا فېيشۈن، خىتاي ئېلېكترون تېخنولوگىيە گۇرۇھىدەك بەزى شىركەتلىرى خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ تېلېفوندا ئاۋاز تونۇشى، يۈرۈش-تۇرۇشى گۇمانلىق كىشىلەرنى تەقىب قىلىشىغا ياردەملەشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

رىچاردسون خانىم ئاخىردا،  تېرمو-فېشىر، باجىر قاتارلىق بەزى ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي دائىرلىرى ھەمدە شىركەتلىرى  بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختاتقانلىقىنى،  باشقا چەتئەل شىركەتلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ خىتاي دائىرلىرى ۋە شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى توختىتىشى  كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 797 قېتىم كۆرۈلدى
19/08/2019 16:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق