قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان خىتاي مەھسۇلاتلىرى قىسقارتىلدى
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېتى دونالد تىرامپ بايانات ئېلان قىلىپ، كېلەركى ئايدىن تارتىپ %10 قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى قىسقارتقان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تىرامپ ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ روژدېستىۋو بايرىمىدىكى ئېلىم-سېتىمىغا تەسىر يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، كېلەر ئايدىن تارتىپ قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان بىر قىسىم خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى تىزىملىكتىن چىقىرىپ تاشلىغانلىقىنى، يەنە بىر قىسىم مەھسۇلاتلاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى يىل ئاخىرىغا كېچىكتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىلگەن مەھسۇلاتلار ئاساسلىقى بىخەتەر دەپ قارالغان مەھسۇلاتلار بولۇپ، يىل ئاخىرىدا تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان مەھسۇلاتلار بولسا تېلېفون، كومپيۇتېر ئېكرانى، باش ئاپپارات، ئېكران قاتارلىق ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئۇندىن باشقا 1-سېنتەبىردىن تارتىپ قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىمۇ ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئاساسلىقى گۆش، سۈت، سەي-كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە قاتارلىق يېمەكلىك تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار ئىكەن.