خىتاينىڭ ياۋروپادىكى سودا ئىشلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى

خىتاينىڭ ياۋروپادىكى سودا ئىشلىرى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى
ساباھ خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئالدىنقى يېرىم يىللىق سودا-سېتىق ئەھۋالىدا ئېغىر چېكىنىش كۆرۈلگەن.
تەكشۈرۈش ۋە مەسلىھەتچىلىك شىركىتى «EY»نىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ئالدىنقى يېرىم يىل خىتاينىڭ ياۋروپادىكى شىركەتلەرنى سېتىۋېلىش ۋە قوشۇۋېلىش توختاملىرى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن %28 تۆۋەنلەپ كەتكەن. سېتىۋېلىش ۋە قوشۇۋېلىش سودا سوممىسىمۇ %84 تۆۋەنلەپ، 2.4 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قالغان.
خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان گېرمانىيەدىمۇ بۇ نىسبەت كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن بولۇپ، سودا سوممىسى ئون مىليارد دوللاردىن 500 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان.
گېرمانىيە، ئاۋسترالىيە، شىۋېتسارىيەنىڭ خىتاي سودا ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى يىسۈن بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتايدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ تەسىرىلا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 780 قېتىم كۆرۈلدى
14/08/2019 22:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق