ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇدى

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار بىرلىكتە ھېيت نامىزى ئوقۇدى

بۇ يىللىق قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ئۆزئارا ھېيتلىرىنى تەبرىكلەشتى.

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئېغىر مۇسىبەتلىك كۈنلەردە يېتىپ كەلگەن قۇربان ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇدى. ئۆزئارا ھېيتلىرىنى تەبرىكلىشىپ، ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوستلىرى ۋە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلارنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئايرىلىش، سېغىنىش ئازابىنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشتى.
شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇدىكى ئۇيغۇرلار ئەمىنە ئىنانچ جامەسىدە، سەفاكۆيدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار فاتىھ جامەسىدە جەم بولۇپ، ھېيت نامىزىنى بىرلىكتە ئوقۇدى. نامازدىن كېيىن رەتلىك تىزىلىپ، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ھېيتلىرىنى تەبرىكلەشتى. ئارقىدىن خىتاينىڭ زۇلۇمىدا ئىڭراۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تېزرەك ئازادلىققا چىقىشى، ئۇلارنىڭ بۇ مۈشكۈل سىناقتىن مۇستەھكەم ئىمان بىلەن ئۆتۈپ كېتىشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1043 قېتىم كۆرۈلدى
12/08/2019 21:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق