ئابلىكىم يۈسۈپ خەتەردىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا يېتىپ باردى

ئابلىكىم يۈسۈپ خەتەردىن قۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا يېتىپ باردى

يېقىندا پاكىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئەنسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن قېچىپ چىققان ئابلىكىم يۈسۈپ خەتەردىن قۇتۇلۇپ، ئامېرىكىغا يېتىپ بارغان.
ئابلىكىم يۈسۈپ 31-ئىيۇل كۈنى پاكىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئەنسىزلىكلەر سەۋەبلىك قېچىپ چىقىپ، بوسنىيە پايتەختى سارايېۋوغا چۈشكەن. بوسنىيە دائىرىلىرى ئۇنى بوسنىيەگە كىرگۈزمەي، قاتار ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى ئارقىلىق قاتار پايتەختى دوھاغا قايتۇرغان. ئابلىكىم يۈسۈپ 3-ئاۋغۇست ئەتىگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئۆزىنىڭ بېيجىڭغا قايتۇرۇلۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئابلىكىم يۈسۈپنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى جىددىي ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن.
بۇ خەۋەردىن كېيىن د ئۇ ق رەھبەرلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ئارقىلىق، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى باشلىغان. نەتىجىدە ئابلىكىم يۈسۈپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشتىن قۇتۇلۇپ، 6-ئاۋغۇست ئامېرىكىغا يېتىپ بارغان.

بۇ خەۋەر 711 قېتىم كۆرۈلدى
07/08/2019 16:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق