ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك گېرمانىيەنىڭ ئىككى ھەيئىتىنىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلەندى

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى سەۋەبلىك گېرمانىيەنىڭ ئىككى ھەيئىتىنىڭ خىتايغا كىرىشى چەكلەندى

گېرمانىيە ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئىككى ئاي ئىچىدە خىتاينى زىيارەت قىلماقچى بولغان گېرمانىيەنىڭ ئىككى ھەيئىتى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە فېدراتىپ پالاتاسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 9-ئايدا خىتايغا بېرىپ، بېيجىڭ، شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت قاتارلىق جايلارنى زىيارەت قىلماقچى بولغان بولۇپ، ئاساسلىقى خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئەمما گېرمانىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 3-ئاۋغۇست بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى، خىتاينىڭ چېگرادىن كىرىشكە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇنىڭدىن سىرت گېرمانىيە پالاتاسى ئۇچۇرلاشتۇرۇش پىلان ھەيئىتىمۇ 23-ئاۋغۇستتىن 1-سېنتەبىرگىچە بېيجىڭ ۋە شاڭخەيگە زىيارەتكە بارماقچى بولغان. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ھەيئەتتە پارلامېنت ئەزاسى مارگارىتا باۋزى (Margarete Bause)نىڭ بارلىقىنى باھانە قىلىپ، ئۇ قاتناشقان ھەيئەتنىڭ خىتايغا كىرىشىگە بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مارگارىتا باۋزى گېرمانىيە يېشىل پارتىيەسىگە تەۋە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن ۋە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تەنقىد قىلغان. ئۇندىن باشقا ئۇ يېقىندا داۋاملىشىۋاتقان خوڭكوڭدىكى نامايىشنىمۇ ئاشكارا قوللىغان. گەرچە ئۇ قاتناشقان ھەيئەتنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى پەن-تېخنىكىغا ئالاقىدار بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى يەنىلا چەكلىگەن.
مارگارىتا باۋزى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان شەخسلەرنى بېسىقتۇرماقچى بولغانلىقىنى، گېرمانىيە فېدراتىپ پالاتاسىنىڭ بۇنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاينىڭ يولسىز تەلىپىگە قارشى ئۆزىنىڭ بۇ ھەيئەتتە داۋاملىق تۇرىۋېرىدىغانلىقىنى، يېشىل پارتىيە رەئىسىنىڭمۇ بۇ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 801 قېتىم كۆرۈلدى
05/08/2019 17:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق