ترامپ خىتاينى قايتا جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ترامپ خىتاينى قايتا جازالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ب ب س خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ تۈنۈگۈن تىۋىتتېردا ئارقىمۇ ئارقا تۆت قېتىم يازما يوللاپ، خىتاي ماللىرىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى قايتىدىن ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تىرامپ خىتاينىڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان گېپىدە تۇرمىغانلىقىنى، ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن ۋە خىتاينىڭ 300 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللىرىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى %10 ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇندىن بۇرۇن ئامېرىكا خىتاينىڭ 250 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ماللىرىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى %25 ئۆستۈرگەن ئىدى. ئاقساراي يەنە خىتايغا تەھدىت سېلىپ، باشقا 300 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي ماللىرىغىمۇ بۇ باج نىسبىتىنى ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى دۆلەت باشلىقىنىڭ ئۇچرىشىشدىن كېيىن تىرامپ باج ئۆستۈرۈشنى كېچىكتۈرگەن ئىدى.
بۇ قېتىم تىرامپ 300 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي ماللىرىغا قارىتا ئۆستۈرمەكچى بولغان تاموژنا بېجىنى %25تىن %10كە چۈشۈرگەن بولۇپ، 1-سېنتەبىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ دەل كېيىنكى قېتىملىق ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ ۋاقتىغا ئۇدۇل كېلىدىكەن.
ئانالىزچىلار تىرامپنىڭ خىتايغا بېسىم چۈشۈرۈش ئارقىلىق، سۆھبەت قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىقتىسادىي سۈركىلىشنى ھەل قىلىش يولى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 988 قېتىم كۆرۈلدى
02/08/2019 16:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق