ئابىم تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

ئابىم تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى

30- ئىيۇل مالايشىيادىن كەلگەن ئابىم تەشكىلاتىدىن بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلدى.

زىيارەتكە كەلگەن مېھمانلارنى شەرقىي تۈكىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان ، مائارىپ جەمئىيىتى مۇئاۋىن رەئىسى  ژورنالىست مۇساجان ئەر ، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ئاۋىسترالىيە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەد تۇركسىتانىي قاتارلىقلار  كۈتىۋالدى.

مېھمانلارغا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان يېڭى  مەسىلىلەر ۋە تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى تونۇشتۇرۇلدى ھەمدە ئۆز – ئارا شەرقىي داۋاسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئابىم تەشكىلاتى ئۇزۇندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا يېقىندىن ماسلىشىپ كېلىۋاتقان ھەمدە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئەنسارلىق قىلىۋاتقان مالايشىيادىكى ئەڭ چوڭ تەشكىلاتلارنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە  قىلغان ياردىمى ۋە ھەمكارلىقىغا رەھمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن. ئۇلارغا ئۇيغۇر دوپپىسى، كانۋاي كۆينەك ۋە خاتىرە بويۇمى ھەدىيە قىلىندى.

بۇ خەۋەر 1924 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2019 20:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق