مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تايلاندا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان 52 – نۆۋەتلىك شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشتى .

كۆرۈشۈشتە ئېنىرگىيە ۋە مەبلەغ سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

خىتاي بۇ كۆرۈشۈشتە تۈركىيە تەرەپتىن شەرقىي تۈركسىتاننى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بىر ھەيئەت كېلىش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇپ، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ يېقىندا شەرقىي تۈركسىتانغا كۈزىتىش ھەيئىتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان ھەيئەت ھازىرلىشى كېرەك بولغان شەرتلەرنى ئەسلەتتى.

ئۇ شەرتلەر بولسا: ھەيئەت ۋەتىنىمىزدە تولۇق شەكىلدە ئەركىن زىيارەت ئېلىپ بارالىشى كېرەك.

ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكتە ماقۇل كەلگەن بىر شەرقىي تۈركىستانلىق ۋەكىللەرمۇ ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە ساق - سالامەت قايتىپ كېلىشىگە كېپىللىك بەرگەن ئاساستا ھەيئەتنىڭ ئىچىدە بولىشى،

شەرقىي تۈركىستاندىكى زىيارەت قىلىنىدىغان يەرلەرنى بارىدىغان ھەيئەت ئۆزلىرى قارار قىلىشى كېرەكلىكى،

خىتايلار ئالدىنئالا ھەيئەت ئۈچۈن تەييارلاپ قويغان يالغان سەھنىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان جايلارغا بارماسلىق.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ شەرتلەر ئورۇندالمىغان تەقدىردە خىتاي ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاش، كۆز بويامچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى تەكلىپ قىلغان دۆلەت ۋەكىللىرىنى ئالدىغاندەكلا نەتىجە بىلەن  ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداقلا ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا كۆرۈشكەن شەخسلەرنىڭمۇ ھەيئەت كەتكەندىن كېيىنكى بىخەتەرلىكىنىڭمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەيئەت شەرقىي تۈركىستاندا پۈتۈنلەي ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھەرىكەت قىلالمىغان تەقدىردە نەتىجىنىڭ ھەرگىزمۇ ساغلام ۋە رىئاللىققا ئۇيغۇن چىقمايدىغانلىقىنى ۋە بۇنداق نەتىجە دوكىلاتىنىڭمۇ مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 766 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2019 20:08:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق