تۈركىيەدە تۇرۇش ئىجازىتى(ئىقامەت) ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش

تۈركىيەدە تۇرۇش ئىجازىتى(ئىقامەت) ھەققىدە يېڭى ئۇقتۇرۇش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك مۇھاجىر قېرىنداشلار!

تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسى ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەدە تۇرۇش ئىجازىتى(ئىقامەت) بېرىش ھەققىدە يېڭى قارار چىقاردى. تۈركىيەدە تۇرۇش ئىجازىتى(ئىقامەت) ئېلىش ئىلتىماسى رەت قىلىنغان، ئارخىپىدا چېكىت (كود) بولغانلىق سەۋەبىدىن ئالالمىغان، كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە قەرەللىك بېرىپ ئىمزا قويۇۋاتقان، «تۈركىيەدىن چىقىپ كەتسۇن» ياكى «ئىقامەت بېرىلمەيدۇ» دېگەندەك ئۇقتۇرۇش تاپشۇرۇۋالغان بارلىق قېرىنداشلارنىڭ يېڭىدىن تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى (ئىقامەت)گە ئىلتىماس قىلىشى كېرەكلىكى، ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تىزىملىتىپ، رەت تەرتىپ بويىچە كۆچمەنلەر ئىدارىسىگە بېرىشى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

كۆچمەنلەر ئىدارىسى بىزدىن (شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدىن) تىزىملىك رەت تەرتىپى بويىچە ھەر كۈنى ئون كىشى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتى (ئىقامىتى) يوق قېرىنداشلارنىڭ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتىنىڭ چاپادىكى ئىشخانىسىغا كېلىپ تىزىملىتىشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز.

تىزىملاش ۋاقتى: 2019-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى باشلىنىدۇ. ھەركۈنى سائەت 10:00 دىن 14:00 كىچە.

تىزىملاش ئورنى: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ چاپادىكى ئىشخانىسى.

ئادرېسى: Molla Gürani Mahallesi Millet Caddesi Gülşen Apt No:108 D: 4 Çapa Fatih Istanbul

ئەسكەرتىش: تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسىتىگە (ئىقامەت) ئىلتىماس سۇنۇپ ساقلاۋاتقانلار تىزىملاتمىسىمۇ بولىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى

بۇ خەۋەر 1482 قېتىم كۆرۈلدى
31/07/2019 11:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق