خوڭكوڭدىكى خىتايغا قارشى نامايىش بارغانسېرى كەسكىنلەشتى

خوڭكوڭدىكى خىتايغا قارشى نامايىش بارغانسېرى كەسكىنلەشتى

ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ «تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇش قانۇن لايىھەسى»گە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرى تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن.
خەۋەردە خوڭكوڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ نامايىشچىلارنىڭ پەقەت چاتېر باغچىسىدىلا نامايىش قىلىشقا رۇخسەت قىلغانلىقى، ئون مىڭلىغان نامايىشچىلارنىڭ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇپپىنىڭ «Causeway Bay» رايونىغا، يەنە بىر گۇرۇپپا نامايىشچىلارنىڭ خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئالاقە ئىشخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقى، غەزەپلەنگەن نامايىشچىلارنىڭ ساقچىلارنىڭ يوللارنى قامال قىلىشىغا قارىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكى، ساقچىلارنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ، خەلقنى تارقىتىشقا ئۇرۇنغانلىقى، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققانلىقى، يارىدارلار سانىنىڭ تېخى ئېنىق ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشچە، ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى يۇئان لوڭ يەر ئاستى پويىز ئىستانسىسىدا يۈزلىرىگە ماسكا تاقاپ، ئاق كىيىم كىيىۋالغان بىر تۈركۈم كىشىلەر كالتەكلەر بىلەن نامايىشچىلار ۋە يولۇچىلارنى ئۇرۇپ، ئاز دېگەندىمۇ 45 كىشىنى يارىدار قىلغان. بۇ ۋەقەگە ساقچىلارنىڭ كېچىكىپ ئارىلىشىشى خەلقنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان.
خوڭكوڭدا جىنايەت بېكىتىلگەن كىشىلەرنىڭ خىتايغا، ئاۋمىن ئالاھىدە رايونىغا ۋە تەيۋەنگە قايتۇرۇلۇشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان قانۇن لايىھەسى 3-ئاپرېلدا پارلامېنتقا سۇنۇلغان بولۇپ، سىياسىي جىنايەتلەرنىڭ بۇ دائىرىگە كىرمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. بىراق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەتتە مىليون 400 مىڭ نوپۇسلۇق خوڭكوڭ خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت سىستېمىسىغا ئىشەنمىگەن، شۇنداقلا خىتايدا خالىغانچە قولغا ئېلىش، ئادالەتسىز سوت قىلىش ۋە ھەتتا قىيىن-قىستاققا ئېلىشتەك ناچار مۇئامىلىگە ئۇچراشتىن ئەندىشە قىلغان. ئۇلار بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىغا بار كۈچى بىلەن قارشى تۇرماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 5353 قېتىم كۆرۈلدى
29/07/2019 14:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق