خىتاينىڭ «ئەقلىي تۈرمە» قۇرۇش پىلانى ئاشكارىلاندى

خىتاينىڭ «ئەقلىي تۈرمە» قۇرۇش پىلانى ئاشكارىلاندى

زىمىستان تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۈرمىلەرنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلاش ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججىتى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ھۆججەتتە شى جىنپىڭنىڭ «ئەقلىي تۈرمە» قۇرۇپ چىقىش پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«تۈرمە خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئىسلاھ قىلىشقا ئالاقىدار تەكلىپ-پىكىرلەر» ناملىق بۇ ھۆججەت بۇ يىل 4-ئايدا تارقىتىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ھۆججەت روھىنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇلغان.
ھۆججەتتە تۈرمىلەرنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت ئورنىنى ۋە مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم رولى تەكىتلەنگەن بولۇپ، تۈرمىلەرنىڭ دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ بولالمىغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرمىلەرنى ئىسلاھ قىلىش كېرەكلىكى، سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ۋە ئاتالمىش بىدئەت دىنغا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرگە قارىتا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ھۆججەتتە شەرقىي تۈركىستان ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، تۈرمىدىكىلەرگە ئىدىيىۋى خىزمەتنى قاتتىق كۈچەيتىش كېرەكلىكى، ئۇلارغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى، خىتاي دۆلىتىنى، ئاتالمىش جۇڭخۇا مىللىتىنى، خىتاي مەدەنىيىتىنى ۋە كوممۇنىستىك تۈزۈمنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش كېرەكلىكى، زۆرۈر بولسا پىسخىكىلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قىممەت قارىشىنى يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.
ھۆججەتتە يەنە چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، تور ۋە سۈنئىي ئىدراك قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، بىر تۇتاش سىستېمىلاشقان، ئۇچۇرلاشقان تۈرمىلەرنى قۇرۇپ چىقىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1478 قېتىم كۆرۈلدى
22/07/2019 22:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق