ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى: خىتاي چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى: خىتاي چوقۇم ئۆزگىرىشى كېرەك
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى پېنس 10-ئىيۇل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينى ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا چوڭ ئائىلىسىگە قېتىلىشقا، ئالغا ئىلگىرىلەشكە چاقىرغان.
كالىفورنىيە ئىشتاتىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان مۇئاۋىن پىرېزىدېنت پېنس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي ھەققىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دىنىي ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىن چوقۇم ئۆزگىرىشنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى سودا ئەندىزىسىنى ئەمدى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ سودىدا زور تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە تېخنىكا ئۆتۈنۈشكە مەجبۇرلاش، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، بۇلارنى چوقۇم ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
پېنس ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا سۆزلىگەن ئۇزۇن نۇتقىدا خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، خىرىستىيان، بۇددا دىنى مۇرتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن باستۇرۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بۇ خەۋەر 1351 قېتىم كۆرۈلدى
12/07/2019 14:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق