خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى سىياسەتلىرى تۇڭگان خەلقىنى ئەندىشىگە سالدى

خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى سىياسەتلىرى تۇڭگان خەلقىنى ئەندىشىگە سالدى

زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.
خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستاندا بەش يىل ئىچىدە ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردىكى مەسچىتلەرنىڭ ھىلال ئاي بەلگىسىنى، قۇببىلەرنى ۋە تاملاردىكى دىنىي مەزمۇنلارنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى. يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مەسچىتلىرىدىمۇ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ باۋجى شەھىرىدىكى ئاياللار مەسچىتىنىڭ قۇببىسى «خىتايلاشتۇرۇش» باھاسىنى بىلەن چېقىپ تاشلانغان ۋە ئورنىغا خىتاي بايرىقى ئورنىتىلغان. ئۇندىن باشقا مەسچىتنىڭ ئىسلامىي ئۇسلۇبتىكى ئىشىك ۋە دېرىزە رامكىلىرىمۇ ئۆزگەرتىلىپ، ئاددىي ئىشخانا بىناسىغا ئوخشىتىپ قويۇلغان. باۋجى شەھىرىدىكى يەنە بىر مەسچىتمۇ ئوخشاش بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، تاملاردىكى دىنىي مەزمۇنلار پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىلىپ، ئورنىغا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ئۈزۈندىلىرى ئېسىلغان.
شىئەن شەھىرىدىكى شىمالىي قوۋۇق مەسچىتىنىڭ ھىلال ئاي ۋە قۇببىلىرىمۇ بۇزۇپ ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى قىلمىشلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مەسچىت ئىمامىنىڭ ئۆزىنى مەسچىتنى بۇزۇپ ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇغان ۋە قوشۇلمىسا ئۇنى قولغا ئالىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.
ئۇندىن باشقا لىنشيا، نىڭشيا قاتارلىق جايلاردىكى كۆپ قىسىم مەسچىتلەرمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆزگەرتىلگەن ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان خەلقى كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئېغىر كۈنلەرگە دۇچار بولۇشتىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان. بىر قىسىم تۇڭگانلار بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ بۇ سىياسەتلىرىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا تۇڭگانلارنىڭ ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، قارشى چىقىشقا پېتىنالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەنبە:https://zh.bitterwinter.org/campaign-to-deface-mosques-in-western-china/

 

بۇ خەۋەر 1273 قېتىم كۆرۈلدى
09/07/2019 14:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق