شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلار لاگېرلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە

شەرقىي تۈركىستاندىكى بالىلار لاگېرلىرى تېز سۈرئەتتە كۆپەيمەكتە

ئەنگلىيە ب ب س قانىلى يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلگەن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىر سىنلىق خەۋەر تارقاتقان.

5-ئىيۇل تارقىتىلغان مەزكۇر سىنلىق خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ب ب س مۇخبىرى جون سادۋورس تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قالغان ۋە يوقاپ كەتكەن پەرزەنتلىرى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ جەرياندا خىتاي تەرىپىدىن «بالىلار يەسلىسى» دەپ ئاتالغان جايلارنىڭ ئەتراپى پۈتۈنلەي ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا بولغانلىقتىن، يېقىن بېرىپ سۈرەتكە ئېلىش ئىمكانىيىتى بولمىغان. ئەمما يىراقتىن ئۇ يەرلەرنىڭ پۈتۈنلەي سىم توسۇقلار بىلەن قورشالغانلىقىنى، ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان كۆزىتىش كامېراسىنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنى بايقىغان. يەنە كېلىپ بۇ خىلدىكى «يەسلى»لەر جازا لاگېرلىرىنىڭ يېنىغا قۇرۇلغان.

مەزكۇر سىنلىق خەۋەردە مۇخبىر يەنە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش «يەسلى»لەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھتا تارتىلغان سۈرىتىدىن بۇ جايلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا ئوخشاش ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇندىن باشقا شەرقىي تۈركىستاندا «قوغداش مەركىزى» دەپ ئاتالغان جايلاردىن ھازىرغا قەدەر يۈزدىن ئارتۇقى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇلاردا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى يېپىق ھالەتتە تەربىيەلەنگەنلىكى كۆرىستىلگەن

خىتاي دائىرىلىرى ئاتالمىش بالىلار يەسلىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈنلا بىر مىليارد 200 مىليون دوللار سەرپ قىلغان بولۇپ، يالغۇز قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 4-نومۇرلۇق ياتاقلىق مەكتەپكىلا بۇ يىل 4-ئايدا 2000دىن ئارتۇق ئۆسمۈر ئېلىپ كېلىنگەن.

شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى بىلەن بىرگە ئاتالمىش «يەسلى»لەرنىڭمۇ زور كۆلەمدە كېڭىيىشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.

مۇخبىر يەنە، قازاقسىتاندىكى بىر ئايالنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆي ئادرىسىنى تەپىسلى خاتىرلىگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ مەزكۇر ئائىلىنى ئىزدەپ تاپقان ئەمما مۇخبىر تاپقان ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ ئېچىلمىغىكى بىر يىلدىن ئاشقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان. ئەتراپتىكى كىشىلەردىن سۈزۈشتۈرگەن بولسىمۇ بىراق ئۇ ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىز- دېرىكىنى قىلالمىغان. 

بۇ خەۋەر 1260 قېتىم كۆرۈلدى
06/07/2019 15:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق