مالايشىيادا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى


 مالايشىيادا خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

«بۈگۈنكى ئەركىن مالايشىيا» تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن مالايشىيادىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەتسىز مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى كۇئالالۇمپۇر شەھىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان.
نامايىشچىلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى توختىشىنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى رەئىسى مۇھەممەد رائىمى ئابدۇلرەھىم بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان)دىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بارلىق كىشىلەرنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.
مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى كاتىپى مۇھەممەد فايسال ئابدۇلئەزىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھەرقايسى ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى تەكلىپ قىلىپ، پەردازلانغان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن ۋەزىيىتىنى يوشۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مالايشىيا ئىسلامىي مەسلىھەت كېڭىشى رەئىسى موھد ئەزمى ئابدۇلھەمىدمۇ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى جىنايەتلىرىنى ئىنكار قىلغىلى ۋە يوشۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى دەپ سۈكۈتتە تۇرماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
نامايىش جەريانىدا «مەنمۇ ئۇيغۇر»، «ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى» دېگەن شوئارلار توۋلانغان. ئەلچىخانا دەرۋازىسى ئىزچىل تاقاق بولغاچقا، تەشكىلات ۋەكىللىرى ئالدىن تەييارلىغان مېموراندۇمنى خىتاي ئەلچىخانىسىغا تاپشۇرۇپ بېرەلمىگەن.

مەنبە:https://www.malaysiakini.com/news/482612

 

بۇ خەۋەر 1380 قېتىم كۆرۈلدى
05/07/2019 18:14:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق