ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ بانكىسىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ بانكىسىنى ئاگاھلاندۇردى

ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۈچ چوڭ بانكىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنى چاقىرتىپ، شىمالىي كورىيەگە قويۇلغان ئېمبارگوغا ئەمەل قىلمىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
خەۋەردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سودا-سانائەت بانكىسى، قاتناش بانكىسى ۋە پۇدۇڭ تەرەققىيات بانكىسى قاتارلىق ئۈچ بانكىنىڭ مەسئۇل خادىملىرىنى چاقىرتىپ، شىمالىي كورىيەگە قويۇلغان ئېبارگوغا پىسەنت قىلماي، ئۇلار بىلەن پۇل-مۇئامىلە ئالاقىسى قىلغانلىقى، قويۇلغان چەكلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۈچ بانكا مەسئۇللىرىنى چاقىرتىشى بۇ بانكىلارغا ئىقتىسادىي چەكلىمە يۈرگۈزۈلۈشىنىڭ بىر بېشارىتى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بۇ ئۈچ چوڭ بانكىنىڭ پاي چېكى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەن. بولۇپمۇ خىتاي سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ پاي چېكى چۈشۈش نىسبىتى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، %5.72كە يەتكەن.

بۇ خەۋەر 1126 قېتىم كۆرۈلدى
25/06/2019 18:09:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق