« بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ رەزىل مەقسىتى ئاشكارىلاندى

« بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ رەزىل مەقسىتى ئاشكارىلاندى

تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىندىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي پاكىستاندا ناماز ئوقۇۋاتقان بىر پاكىستانلىققا پىچاق تىققان.
خىتاي ئالدىنقى يىللىرى «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانىغا ئاساسەن پاكىستاندا چوڭ بىر سېمونت زاۋۇتى سالغان بولۇپ، زاۋۇتتا بىر قىسىم يەرلىق خەلق ئىشلىگەن. خىتايلار زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەن. خىتاينىڭ چەكلىمىسىگە بويسۇنماي ناماز ئوقۇغان پاكىستانلىققا خىتاي زاۋۇت باشقۇرغۇچى پىچاق تىقىپ، ئۇنى ئېغىر زەخمىلەندۈرگەن.
بۇ ۋەقەنى كۆرگەن ئامېرىكىلىق دەۋەتچى ئابدۇمالىك مۇجاھىد بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتايلار بىزنىڭ تۇپرىقىمىزدا، بىزنىڭ دۆلىتىمىزدە مۇسۇلمانلارغا مۇشۇنداق يولسىزلىقلارنى قىلغان يەردە، شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا نېمىلەرنى قىلمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ پاكىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئوقۇشىنى چەكلەپ، ناماز ئوقۇغانلارنى زەخمىلەندۈرۈش ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا پىلانىنىڭ باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا مەبلەش سېلىش، قەرزگە بوغۇش ۋاسىتىسى بىلەن شۇ دۆلەت خەلقىنى مۇستەملىكە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

مەنبە: https://www.facebook.com/Radeshirkwabidah/videos/vb.1686671068211547/886386918406577/?type=2&theater

بۇ خەۋەر 1628 قېتىم كۆرۈلدى
22/06/2019 15:00:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق