تۈركىيەدە شېھىت نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

تۈركىيەدە شېھىت نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

21-ئىيۇن ئىستانبۇلنىڭ سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ جامەسىدە شېھىت يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ غايىبانە جىنازە نامىزى ئوقۇلدى.


جىنازا نامىزىنى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ھەرقايسى تۈرك قېرىنداش جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە تۈرك خەلقىدىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن 500دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. ئىستانبۇل يېڭى ئەسىر ئۇنىۋېرسىتېتى (Yeni Yüzyıl Üniversitesi)نىڭ ئوقۇتقۇچىسى، پىروفېسسور، دوكتور جالال ئەرباي نامازغا ئىماملىق قىلدى.


شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان تەشكىلاتلار بىرلىكىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقلىرىنى ۋە مەرھۇم ئەدىب نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئۆمەك تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە قىرغىنچىلىق ئەھۋاللىرىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈپ چىقىپ، خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ قېلىشقا چاقىردى.


غايىبانە جىنازا نامىزىغا ئىشتىراك قىلغان بۈيۈك بىرلىك پارتىيە رەئىسى مۇستاپا دەسدىجى ئەپەندى سۆز قىلىپ: «بىز بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى نامى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتىدا نەچچە قېتىم خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستانغا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان بولساقمۇ، بىراق ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى. بىز بۇ تىرىشچانلىقىمىزنى ھەرگىز توختاتمايمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.


ئاخىردا پىروفېسسور، دوكتور جالال ئەرباينىڭ يېتەكچىلىكىدە شېھىت نۇرمۇھەمەد توختىنىڭ شاھادىتى، خىتاينىڭ ھالاكىتى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي زۇلمىدىن قۇتۇلۇشى، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىززەت ۋە شەرىپى ئۈچۈن دۇئا قىلىندى.
بۇنىڭدىن سىرت، بۈگۈن ئىستانبۇلدىن باشقا يەنە ئەنقەرە ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتىدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن شېھىت نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.

 

بۇ خەۋەر 1557 قېتىم كۆرۈلدى
21/06/2019 22:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق