دۇنيا ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىكى تۈركىي مىللەت ۋەكىللىرى يىغىنى ئاچتى

دۇنيا ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىكى تۈركىي مىللەت ۋەكىللىرى يىغىنى ئاچتى

18-ئىيۇن ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىكى 30 دۆلەتتىن كەلگەن قېرىنداش تۈركىي مىللەت تەشكىلات ۋەكىللىرى يىغىنى ئاچتى.
يىغىلىشقا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە شەھەرلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسى مۇدىرى، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە بىر ھەيئەت، تۈرك دۇنياسى تەشكىلات ۋە جەمئىيەت ۋەكىللىرى ۋە بەشىكتاش مەمۇرىي ئىشلار بۆلۈم يېتەكچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىلىشتا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ سۆز قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىختىن بېرى شىمالىي كاۋكازدىن، كاۋكازىيەدىن، بالقاندىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن قېرىنداش مىللەتلەرگە قۇچاق ئېچىپ كەلگەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ دائىم قۇچاق ئاچىدىغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا سۇرىيە ئۇرۇشىدا تېررورچىلاردىن قاچقان سۇرىيەلىكلەرگە قۇچاق ئاچقانلىقىنى، سۇرىيەنىڭ بىر قىسىم زېمىنلىرىنى تېررورچىلاردىن تازىلاپ، سۇرىيە خەلقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خاتىرجەم ياشاش مۇھىتىغا ئېرىشتۈرگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بارلىق مەزلۇملارنىڭ ئۈمىدى بولغانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

بۇ خەۋەر 1376 قېتىم كۆرۈلدى
19/06/2019 14:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق