سۇتۇق بۇغراخان ۋەقڧى پۇتبول مۇسابىقىسى تەشكىللىدى

سۇتۇق بۇغراخان ۋەقڧى پۇتبول مۇسابىقىسى تەشكىللىدى

16-ئىيۇن ئىستانبۇلنىڭ كۈچۈكچەكمەجەدە «سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقڧى پۇتبول مۇسابىقىسى» ئۇيۇشتۇرۇلدى.
مۇسابىقىنى سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقڧى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن ئىزباسار، ئانا يۇرت، ئىستىقلال، سۇتۇق بۇغراخان قاتارلىق كوماندىلار قاتناشتى.
تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئىزباسار كوماندىسى 0 گە قارشى 8 نەتىجە بىلەن ئانا يۇرت كوماندىسىنى يېڭىپ بىرىنچىلىككە، ئىستىقلال كوماندىسى 1 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن سۇتۇق بۇغراخان كوماندىسىنى يېڭىپ ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى.
تولۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئاتا يۇرت كوماندىسى 2 گە قارشى 7 نەتىجە بىلەن قاراخانلار كوماندىسىنى يەڭدى. كۆك پارىس كوماندىسى 4 گە قارشى 13 نەتىجە بىلەن تەڭرىتاغ يىلپىزى كوماندىسىنى يەڭدى.

بۇ خەۋەر 1613 قېتىم كۆرۈلدى
17/06/2019 14:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق