شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر توسۇقلارنى ئېلىۋېتىش بۇيرۇقى

شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈر توسۇقلارنى ئېلىۋېتىش بۇيرۇقى

14-ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۆمۈر توسۇق، سىم تورلارنى ئېلىۋېتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگانلىرى ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەركىزى»، بالىلار يەسلىسى ۋە مەكتەپ تاملىرىغا قويۇلغان سىم تورلارنى، بىر قىسىم كوچا دوقمۇشلىرىغا قويۇلغان قاراۋۇلخانىلارنى ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىدە تۆمۈر توسۇقلارنى ئېلىۋېتىش بۇيرۇقىنى خىتايدىن شەرقىي تۈركىستانغا يېڭى يۆتكىلىپ كەلگەن خىتاي ئەمەلدارىنىڭ چۇشۈرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
يەنە بىر سىنلىق ۋە ئاۋازلىق ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كورلا شەھىرىدىكى ئىلگىرى تاقىۋېتىلگەن سودا مەركىزى ئەتراپىدىكى تۆمۈر ئىشىك ۋە توسۇقلارمۇ ئېلىۋېتىلىشكە باشلىغان.
خىتاينىڭ تۇيۇقسىز بۇ بۇيرۇقنى چۈشۈرۈشى ئارقىسىدا قانداق ھىيلە ۋە پىلانلارنىڭ بارلىقى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن.

 

بۇ خەۋەر 1528 قېتىم كۆرۈلدى
16/06/2019 00:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق