قازاقسىتان خەلقى پىرېزىدېنت سايلىمىغا قارشى نامايىش قىلدى

 

قازاقسىتان خەلقى پىرېزىدېنت سايلىمىغا قارشى نامايىش قىلدى
قازاق خەۋەرلىرى تورىنىڭ تۈنۈگۈن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقسىتان خەلقى خىتاي تەرىپىنى ئالىدىغان قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سايلامدا ساختىلىق قىلغانلىقىغا قارشى نامايىش قىلغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، تۈنۈگۈن قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا تاشلانغان بېلەتلەرنى ھازىرقى ھۆكۈمەتكە تەۋە سايلام ساندۇقى نازارەتچىلىرى خالىغانچە ئۆچۈرۈۋەتكەن ۋە ئورنىغا ئۆزى خالىغان نامزاتلارنىڭ ئىسمىنى يېزىۋالغان.
ئۇنىڭدىن سىرت، نازارەتچىلەر بىر قىسىم سايلىغۇچى خەلقنى ئۆزى خالىغان نامزاتنىڭ ئىسمىنى يېزىشقا مەجبۇرلىغان. كېيىنچە ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ تەرىپىنى ئالىدىغان قازاقىستان ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكى ئاشكارا بولغان. سايلام بېلىتىدە ساختىلىق ئىشلىتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان خەلق نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش قىلغان.

https://www.facebook.com/Eynekhaber/videos/905815733104619/

بۇ خەۋەر 1084 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2019 17:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق