سېرىكجان بىلاشئوغلىنى نازارەت قىلىش مۇددىتى يەنە ئۇزارتىلدى

سېرىكجان بىلاشئوغلىنى نازارەت قىلىش مۇددىتى يەنە ئۇزارتىلدى

7‏-ئىيۇن قازاق خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندىكى بىر سوت مەھكىمىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، «ئاتايۇرت» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېرىكجان بىلاشئوغلىنى نازارەت قىلىش مۇددىتىنى يەنە بىر ئاي ئۇزارتقان.
خەۋەر قىلىشىچە، سېرىكجان بىلاشئوغلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگە قەدەر نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلىدىكەن. سوت مەھكىمىسى ئالدىغا ئىنگلىزچە، رۇسچە، قازاقچە ۋە خىتايچە پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋالغان نۇرغۇنلىغان كىشىلەر يىغىلىپ، سېرىكجاننى نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا قارشى شوئارلارنى توۋلىغان ۋە قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
سېرىكجان بىلاشئوغلى شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا سەۋەبسىز قامالغان قازاقلارنىڭ ئائىلىسىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە تەشكىللەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى خەلقئاراغا پاش قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىغان. قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن سېرىكجان بىلاشئوغلىنى بۇ يىل 3‏-ئايدا «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەن تۆھمەت بىلەن ئەيىبلەپ، نازارەت ئاستىغا ئالغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 1154 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2019 16:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق