خىتاي كەپتەرنى خەتەرلىك نەرسىلەر قاتارىغا كىرگۈزدى

خىتاي كەپتەرنى خەتەرلىك نەرسىلەر قاتارىغا كىرگۈزدى

زېمىستان تورىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندىكى قاتتىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش تۈزۈملىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ئاستا-ئاستا كۆرۈلۈشكە باشلىغان.

زىمىستان تورى يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى تارقاتقان پۇقرالارنى تەكشۈرۈش جەدۋىلىگە ئېرىشكەن. جەدۋەلدە پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك بويۇملىرىنى تولۇق خاتىرىلەش لازىملىقى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، بېنزىن، گاز تۇڭى،  توكسىكلىت قاتارلىق نەرسىلەر خەتەرلىك بۇيۇم قاتارىغا تىزىلغان. ھەتتا پۇقرالارنىڭ كەپتەر، ئىت قاتارلىق ئەرمەك ھايۋانلىرىنىمۇ تولۇق تىزىملاشقا بۇيرۇغان.

ئۇندىن باشقا ئىدارە-ئورگان ۋە دۇكانلاردىكى ئېلېكترونلۇق ئېلان تاختىلىرىمۇ (LED ئېكران) خەتەرلىك بۇيۇم سۈپىتىدە تىزىملاشقا بۇيرۇلغان بولۇپ، بۇندىن بىرەر ئاي بۇرۇن چىڭداۋدىكى بەزى ئېلېكترونلۇق ئېلان تاختىلىرى كومپارتىيەگە زىيانلىق ئۇچۇرلارنىڭ بارلىقى باھانىسى بىلەن بۇزۇپ ئېلىۋېتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يەنە ئېلېكترونلۇق ئېلان تاختىلىرى بولغان ئىدارە-ئورگانلارغا كاپالەتنامە يازغۇزۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى مەزمۇنلارنى يوللاشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 1067 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2019 15:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق