مۇرات ئۈلكەرنىڭ «ھەممىمىز خىتاي تەرەپتە» دېگەن سۆزى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى


29-ماي ئەنقەرەدە خىتايغا بولغان چاپارمەنلىكى بىلەن تونۇلغان ۋەتەن پارتىيەسى رەئىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن «ئىشلەپچىقىرىشتا ئىلگىرىلەش ئۈچۈن خىتاي-تۈركىيە ھەمكارلىقى» تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى.
يىغىنغا خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى باش ئەلچىسى دىڭ لىدىن باشقا، ئۈلكەر شىركىتى باش مۇدىرى مۇرات ئۈلكەر، ئوكان گۇرۇھى مۇدىرى بەكىر ئوكان، ئونۇر ئاۋىئاتسىيەسى ۋە ئىش بانكىسى مەسئۇللىرى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تىجارەتچىلەر قاتناشتى.
يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى خىتاي مەستانىسى دوغۇ پېرىنچەك قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۇرۇنقىدەكلا خىتاينى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ، يېڭى دۇنيا قۇرۇلغانلىقىنى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاسىيا تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىدى.
خىتاي ئەلچىسى دىڭ لىمۇ ھەمكارلىق پۇرسىتىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ سۈپەتلىك زىرائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، سۈت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ھەققىدىكى ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا تولىمۇ تونۇشلۇق بولغان ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ خوجايىنى، ئۈلكەر قۇرغۇچى لىدىرنىڭ ئوغلى مۇرات ئۈلكەرنىڭ «ھەممىمىز خىتاي تەرەپتە بولىمىز» دېگەن سۆزلىرى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇر جامائىتىنى ھەيران قالدۇردى ۋە غەزەپلەندۈردى. شۇنداقلا ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقلىرى قوزغالدى.
يېزىلغان نارازىلىق ئىنكاسلىرىدا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردىن نۇرغۇنلىغان تىجارەتچىلەرنىڭ دەل مۇشۇ ماركىغا ۋاكالەتچى بولغىنى ئۈچۈن تۈرمىلەردە يېتىۋاتقانلىقى، يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەھسۇلاتنى ئىستېمال قىلغىنى ئۈچۈن تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى .
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە مائارىپ جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندىمۇ تىۋىتتېر ۋە فېيسبۇكتا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مۇرات ئۈلكەرگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ سۆزىدە: «ئۈلكەر ئەپەندى! ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى بىرمۇ خىتاي ئىستىمال قىلىپ باقمىدى. يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي مۇستەملىكىسىدە بولغان بولسىمۇ، ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممەت بولۇشىغا قارىماي، تۈرك مەھسۇلاتى دەپ ئىستېمال قىلدى ۋە باغرىغا باستى. ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى ساتقان ئۇيغۇرلار پانتۈركىست دەپ تۇتقۇن قىلىندى. سىز بۇنى بىلەمسىز؟
بۈگۈن ئۇيغۇرلار تارىختا كۆرۈلمىگەن زۇلۇم ئىچىدە ئىڭراۋاتقان، بەش مىليوندىن ئارتۇق كىشى جازا لاگېرلىرىدا زۇلۇم چېكىۋاتقان بىر پەيتتە سىزنىڭ «ھەممىمىز خىتاي تەرىپىدە» دېيىشىڭىز، مەيلى بۇ تىجارەت ئىشى بىلەن دېگەن بولۇشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، يۈرىكىمىزگە ئۇرۇلغان بىر خەنجەر بولدى. بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئۈلكەر مەھسۇلاتلىرىنى ئىستېمال قىلمايمەن. خەلقىمىزمۇ بۇنى ئۇنتۇمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 11394 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2019 17:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق