ئىسلام ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى چەتكە قاقتى

ئىسلام ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى چەتكە قاقتى
27-ماي مەككىدە باشلىنىپ، 30-ماي ئاخىرلاشقان دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان باياناتتا خەلقئارادا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان باشقا مۇسۇلمانلار تىلغا ئېلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ چەتكە قېقىلغانلىقى خەلقئارادا غۇلغۇلا قوزغىدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئېچىلغان دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقىنىڭ «قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئوتتۇراھاللىق» ناملىق خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئاتاۋۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گوللاندىيە، فىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق ئالتە ئۇيغۇر دىنىي ئالىممۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقان. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى ۋەكىللىرى گۇرۇپپا يىغىلىشلىرىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر باستۇرۇشلىرى، ئىسلام دىنىغا يۇقۇملۇق كېسەل قاتارىدا مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى خىتايغا قارشى ئىنكاس بىلدۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا تىرىشقان. بىراق ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ئۈنۈم بەرمىگەن.
يىغىندا 139 دۆلەتنىڭ قول قويۇشى بىلەن بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنغان بولۇپ، باياناتتا دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئۇچراۋاتقان باستۇرۇشلار، جىددىي مەسىلىلەر قاتارىدا روھىنگا، سىپرۇس، بوسنىيە ۋە كەشمىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتى بىرمۇبىر تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، بىراق شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ۋە مەسىلىلەرنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان.
ئىسلام ئىتتپاقىنىڭ باياناتىدا دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر زۇلۇمنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، بارلىق ئىبادەتلىرى چەكلىنىۋاتقان، دىنىي كىملىكىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقان، ھەتتا دىنى سەۋەبلىك قىرغىن قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى تىلغا ئېلىنماي چەتكە قېقىلغانلىقى خەلقئارادىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

بۇ خەۋەر 2016 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2019 16:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق