تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى

تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى

.

28-ماي تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرىدە بىلۈدۈلىشچە، : تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىغا ئۇۋا سالغان تېررورچىلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان .

قۇرۇقلۇق ئارمىيە زەمبىرەكچى قىسىملىرى بىلەن ھاۋا ئارمىيەسىگە قاراشلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۆزئارا ماسلىشىپ ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان ھەرىكەتكە ئالاھىدە تەربىيەلەنگەن كوماندىر جەڭچىلەرمۇ قاتناشماقتا.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، پەنجە ھەربىي ھەرىكىتى پىلانى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە زەمبىرەكچى قىسىملار قوماندانلىقىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلار ئۇۋا تۇتقان جايلارنى توپقا تۇتۇشنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، زەمبىرەكچى قىسىملارنىڭ توپقا تۇتۇشىدىن كېيىن، تۈركىيە ۋاقتى سائەت 20:00 دە كوماندىر جەڭچىلەرنىڭ رايوندا قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىنى باشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە «ھەربىي ھەرىكەت ئاتاك تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنىڭمۇ ياردىمى سايىسىدا پىلانلانغىنى بويىچە داۋاملاشماقتا. بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق خاكۇرك رايونىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان ئۆڭكۈر ۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلىنىشى شۇنداقلا تېررورچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى كۆزلەنمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇ خەۋەر 633 قېتىم كۆرۈلدى
28/05/2019 15:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق