رايون رەئىسىگە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

رايون رەئىسىگە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

27-ماي تۈرك دۇنياسى ۋەكىللىرىنىڭ سوھۇرلۇق يىغىلىشىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
سوھۇرلۇق يىغىلىشىنى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ رايونى رەئىسى ئۆمەر ئەرسوي تەشكىللىگەن بولۇپ، يىغىلىشقا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان يېڭى نەسىل ھەرىكىتى رەئىسى دوكتور ئابدۇسالام تەكلىماكان ۋە ئەزالىرى، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى ئەزالىرى ئىشتىراك قىلدى.
يىغىلىشتا ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئابدۇسالام تەكلىماكان زەيتىنبۇرنۇ رايونى رەئىسى ئۆمەر ئەرسويغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان دىنىي چەكلىمىلىرى ۋە ئېغىر باستۇرۇش جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

 

بۇ خەۋەر 1372 قېتىم كۆرۈلدى
27/05/2019 14:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق