بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىندى

 

17-ماي ئىچتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى خۇبېي ئۆلكىسىگە سۈرگۈن قىلغان.
يېقىندىن بېرى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تولۇق ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرلىرىغا سولىسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرمە ۋە لاگېرنىڭ سىرتىدا قالغان ياشلارنى، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي سۈرگۈن قىلىپ، خىتايلارنى شەرقي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتكەن.
ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان سۈرەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم خۇبېي ئۆلكىسىگە سۈرگۈن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ياش قىز-ئاياللار بولۇپ، خىتاي يەنە ئۇلارغا خىتايدىن مىننەتدار بولۇشنى بىلدۈرۈش، قاتتىق باشقۇرۇش، سىڭىپ كېتىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئۈچ نەرسىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ خەۋەر 1284 قېتىم كۆرۈلدى
17/05/2019 15:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق