خىتاي ئامېرىكىغا قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغىماقچى


خەۋەرلەر ۋاقتى تورىنىڭ 14-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي تاراتقۇلىرى تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ماللىرىغا قاراتقان زور مىقداردىكى تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈش سىياسىتىگە قارشى خەلق ئۇرۇشى قوزغاش ئۈچۈن تەشۋىقاتنى كۈچەيتىشكە باشلىغان.

خەۋەردە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ 300 مىليارد دوللارلىق خىتاي ماللىرىغا تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈش ھەققىدە بېشارەت بەرگەن ھامان خىتاي دائىرىلىرى ئۆز خەلقىنى ئامېرىكىغا قارشى قۇترىتىشقا باشلىغانلىقى، خىتاينىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى تور بېتىدە ئامېرىكىنى «ئاچكۆز، مەنمەنچى» دەپ سۈپەتلەش بلەن بىرگە، «ئامېرىكىنىڭ بۇ نوچىلىقى ھامان بىر كۈنى مەغلۇپ بولىدۇ، بىز ئامېرىكا بىلەن ئېلىشىپ، ھوقۇقىمىزنى قوغدايمىز» دېگەن مەزمۇنلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشقا باشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئىگىلىنىشچە، خىتاي تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردە «سودا ئۇرۇشىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى باشلايدۇ. ئەمما بۇ ئۇرۇش ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇ قېتىمقى سودا ئۇرۇشىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى، بۇ بىز ئۈچۈن بىر مەيدان خەلق ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئامېرىكا خەلقىنى ۋە خىتاي خەلقىنى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇشقا قۇترىتىدىغان مەزمۇنلارغا كەڭ ئورۇن بەرگەن.

بۇ خەۋەر 1000 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2019 18:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق