تىرامپ خۇاۋېي ھەققىدىكى قارارنامىگە ئىمزا قويدى


ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تىرامپ خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىگە ئالاقىدار قارارنامىگە ئىمزا قويغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، تىرامپنىڭ «ئىلىم-پەن، ئۇچۇر ئالاقە تېخنىكىلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى قوغداش» دېگەن ماۋزۇدىكى پىرېزىدېنتلىق قارارنامىسىگە ئىمزا قويغانلىقىنى، قارارنامىگە ئاساسەن تىرامپنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان دۆلەتلەردىن تېلېفون-تېلېگراف، ئۇچۇر-ئالاقە ئەسلىھەلىرىنى ئېلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ تېلېفون-تېلېگراف، ئۇچۇر-ئالاقە تورىنى قوغداش مەقسىتىدە «دۆلەتلىك جىددىي ھالەت» ئېلان قىلغانلىقىنى، قارارنامىنىڭ ھۇجۇم نىشانىنىڭ خىتاي ئىكەنلىكىنى، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خۇاۋېي شىركىتى بىلەن تىجارەت قىلغان ئامېرىكا شىركەتلىرىگىمۇ ئېمبارگو يۈرگۈزەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 790 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2019 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق