خىتاينىڭ ئىستانبۇل باش كونسۇلى مۇخبىرلاغا يەنە بىلجىرلىدى

 

 

خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈيۋېي خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇشلىرىنى ئىنكار قىلىپ، يەنە بىلجىرلىدى.

مۇخبىرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاپ بەرگەن سۈيۋېي رەسمىي مەلۇماتلارغا ئاساسەن 5000، غەيرى رەسمىي مەلۇماتلاردا 10000 دىن ئارتۇق مەسچىتلەرنى چاققانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتلارنى ئىنكار قىلىپ: «بىز مەسچىت چاقمىدۇق، ئەكسىچە مەسچىت سېلىشقا مەبلەغ سېلىۋاتىمىز. مەسچىتلەرگە تور، رادىيو ئورنىتىپ بەردۇق» دەپ بىلجىرلىدى.

ئۇ يەنە جازا لاگېرلىرى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «شىنجاڭدا جازا لاگېرى يوق، بەلكى تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى بار. خەلقنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى بار، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداۋاتىمىز» دەپ بىلجىرلىدى.

سۈيۋېي مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىش داۋامىدا خىتاينىڭ باشقا مىللەتلەرنى خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى ئېتراپ قىلىپ: «بىر دۆلەتتە ياشىغان خەلقنىڭ دۆلەت تىلى بىلمەسلىكىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 793 قېتىم كۆرۈلدى
16/05/2019 11:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق