ئەنگلىيە ئاخباراتلىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى

 

12-ماي ئەنگلىيە دۆلەت گېزىتى بولغان تېلېگراف كۈندىلىك گېزىتىنىڭ ( Daily Telegraph) بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سوفئا يەن بېيجىڭدىن مەزكۇر گېزىتنىڭ يەكشەنبىلىك سانىدا «بېيجىڭ ئىككى يىل بۇرۇن ئانامغا تېلېفون قىلىشىمنى چەكلىدى» دېگەن ماۋزۇدا بىر پارچە خەۋەر ئېلان قىلغان.
30 بەتلىك بۇ گېزىتنىڭ 13-بېتىگە مۇخبىرنىڭ ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى بېسىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە پۇقراسى ئەزىز ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا سولىغانلىقىنى، جۇملىدىن ئىككى يىلدىن بۇيان يالغۇز ئانىسى بىلەن ئالاقە قىلالمىغانلىقى، 2017-يىلى دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندە بارالمىغانلىقى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي، دىنىي ۋە مەدەنىي قىرغىنچىلىقلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى بايان قىلغان.
خەۋەردە يەنە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئەزىز ئەپەندىنىڭ ئانىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا ياردەم قىلىشى تەلەپ قىلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە سۈكۈتتە تۇرماسلىققا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشتا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلىنغان.
خەۋەردە يەنە مەزكۇر گېزىت مۇخبىرىنىڭ خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ئەزىز ئەپەندىنىڭ ئانىسى ھەققىدە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىپ مەكتۇپ يوللىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئەنگلىيە تېلېگراف خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ رەسمىي تور سەھىپىسىدە «ئەنگلىيەلىك ئۇيغۇر ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىز-دېرىكى بولمىغان ئائىلىسىنى ئىزدەش ئۈچۈن ياردەم قىلىشقا چاقىردى» سەرلەۋھىلىك تەپسىلىي خەۋەر بېرىلگەن.
تېلېگراف كۈندىلىك گېزىتى ئەنگلىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىگە مائىل ئاقسۆڭەكلەر گېزىتى بولۇپ، 1866-يىلىدىن باشلاپ نەشر قىلىنغان.. مەزكۇر گېزىت بىرېتانىيە ۋە دۇنياغا مەشھۇر گېزىتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 1573 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2019 16:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق