ئۇلۇغ رامىزان شەرىپ مۇبارەك بولسۇن.

ئۇلۇغ رامىزان شەرىپ مۇبارەك بولسۇن.

ھايات پرىنسىپىمىز قۇرئان كېرىم چۈشۈرۈلگەن، ئازدۇرغۇچى ئامىللارنىڭ ئازىيىشى بىلەن جەھەننەمنىڭ دەرۋازىسى تاقىلىپ، ئىمانى ۋە روھانى ھاياتنىڭ كۈچلىنىشى بىلەن جەننەت دەرۋازىسى ئېچىلىدىغان، باشلىنىشى رەھمەت، ئوتتۇرىسى مەغپىرەت ۋە ئاخىرى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرۈلىدىغان مۇبارەك رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى.
بىز ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ ئومۇمەن پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا، خۇسۇسەن مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مۇۋەپپەقىيەت، چىقىش يولى ۋە ئىززەت-شەرەپ ئېلىپ كېلىشىنى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ زۇلۇم ۋە ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ ئازادلىققا ئېرىشىشىگە ۋاسىتە-سەۋەب بولۇشنى جانابىي ئاللاھدىن تىلەيمىز.
بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىنىڭ مەنىۋىيىتىمىزنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشىغا، ئىرادىمىزنىڭ جانلىنىشىغا ۋە ئازدۇرغۇچى ئامىللارغا تاقابىل تۇرۇش روھىنىڭ جانلىشى ئارقىلىق مۇجادىلە روھىمىز ۋە سېپىمىزنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇشنى تىلەيمىز.
ئاللاھ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئۆز پەزلى ۋە مەرھەمىتى بىلەن قوغدىغاي، ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان قۇتلۇق مەنزىلگە مۇۋەپپەقىيەت بىلەن ئېرىشكىلى نېسىپ قىلغاي.
رامىزان ئېيىڭلار مۇبارەك بولسۇن!
ئالىي ئېھتىرام بىلەن :
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ،
شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

بۇ خەۋەر 1268 قېتىم كۆرۈلدى
06/05/2019 15:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق