ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

 

24-ئاپرېل ئامېرىكا ئاۋازى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئافغانسىتان ئالاھىدە ئەلچىسى خەلىلزاد قاتاردا تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئافغانىستان ئۇرۇشىنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان.
تالىباننىڭ قاتاردىكى باياناتچىسى شاھ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تالىباننىڭ ئامېرىكىنىڭ مەسىلىنى سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىش ئارزۇسىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ سۆھبەتنىڭ قاچان، قەيەردە باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمىگەن.
ئىگىلىنىشچە، خەلىلزاد باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكى ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ تالبان تەرەپ بىلەن بەش قېتىم بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئافغانىستانغا كەڭ-كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندىن بېرى ئىككى تەرەپنىڭ دەسلەپكى قەدەملىك كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە 20-ئاپرېل ئىككى تەرەپ ئۆتكۈزمەكچى بولغان سۆھبەتنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى، بۇنىڭ سەۋەبى تالىبان تەرەپنىڭ ئافغانسىتان ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى سانىنىڭ كۆپ بولۇپ كېتىشىگە قارشى چىققانلىقى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 6335 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2019 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق