ۈركىي مىللەتلەر دائىمىي ھەيئەتلىرى يىغىلىشدا ئۇيغۇرلار چەتكە قېقىلدى


22-ئاپرېل قىرغىزىستاننىڭ ئۇش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىي مىللەتلەر دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى يىغىلىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغانلىقتىن، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار قاتتىق نارازى بولدى. 
يىغىلىشقا تۈركىيەنىڭ كاستامونۇ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى فۇراتبەي، قىرغىزىستاننىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، يىغىلىشتا تۈركىيە، قازاق، قىرغىز، ئەزەرىي، تۈركمەن قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بايراقلىرىنى تىزىلغان ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىرمۇبىر تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىراق تۈركىي مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان. 
يىغىلىشقا قاتناشقان قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاقساقاللىرىدىن ئەلىشىر ناسىراخۇف ھاجى يىغىلىشتىن نارازى بولۇپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىز قىرغىزىستاندا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىي مىللەتلەر دائىمىي ھەيئەت يىغىلىشىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقىنى تىزمىغانلىقى، تۈركىي مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىنىمۇ ئاتاپ قويمىغانلىقى بىزگە قاتتىق زەربە بولدى. مۇمكىن بولسا تۈركىيەدىكى رەھبەرلەر كاستامۇنۇ شەھىرىنىڭ باشلىقىدىن مەزكۇر يىغىندا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنماي، چەتكە قېقىلغانلىقىنى سورىشى كېرەك».

بۇ خەۋەر 1002 قېتىم كۆرۈلدى
23/04/2019 18:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق