پومپېئو: ئامېرىكا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا

پومپېئو: ئامېرىكا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ئەندىشە قىلماقتا
ئامېرىكا ئاۋازى تورىنىڭ خەۋرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو 5-نويابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار پائالىيەتچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قىيىن-قىستاققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى، تۇتقۇن قىلىنغان كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ باياناتىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پاراكەندە قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، قاماپ قويۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ۋە خىتاينىڭ جىنايەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى قىيىن-قىستاققا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ تىۋىتتېر ھېساباتىدا خىتاينىڭ قىيىن-قىستاقلىرىدا قازا قىلغان زۇمرەت داۋۇتنىڭ دادىسىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، زۇمرەت داۋۇتنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن جاسارىتىگە ۋە تىرىشچانلىقىغا رەھمىتىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ يەنە بېيجىڭ دائىرىلىرىنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پاراكەنچىلىكىنى توختىتىشقا، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن نورمال ئالاقىلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە چاقىرغان.

بۇ خەۋەر 1071 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2019 14:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق