اگېرغا قامالغان ئۆلىمالار (8)


ئۆز خەۋىرىمىز: قېرىنداشلىرىمىز تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تونۇلغان ئۆلىمالار ۋە مەسجىد-جامەلەردە ئىمام، خاتىپلىق قىلىۋاتقان، دىنىي تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللانغان ئۆلىمالارنى، ئىسلام ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن، ھەتتا خىتايغا ماسلىشىپ خىزمەت قىلىپ، خەلق ئارىسىدا تونۇلغان كىشىلەرنىمۇ «ئەسەبىيلىك، تېرورلۇق» دېگەن باھانىلەر بىلەن جازالىغانلىقىنى ئىگىلىدۇق.
1. ئابدۇلھەمىد داموللام، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسى چاھارباغ يېزىسىدىن. ئۆز ۋاقتىدا خوتەن ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى بولغان. كېيىن ئاتالمىش ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە ئەزا بولۇپ باھالىنىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىغىن ۋە قۇرۇلتايلىرىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ كىشىنى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا «ئەسەبىي تېرورچى» دېگەن تۆھمەت بىلەن لاگېرغا سولىغان. كېيىن لاگېردا ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن مۇددەتسىز كېسىلىپ، تۈرمىگە يۆتكەپ كېتىلگەن. 
2. ئابدۇرېھىم قارىھاجىم، خوتەن شەھىرىنىڭ يۇرۇڭقاشتىن، يۇرۇڭقاش بازار مەسجىدىنىڭ ئىمامى. بۇ كىشىمۇ خىتاي قۇرغان ئىسلام جەمئىيەتلىرىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان. 2017-يىلى 6-ئايلاردا «ئەسەبىي، تېرورچى» دېگەن تۆھمەتلەر بىلەن لاگېرغا سولانغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ لاگېردا ياكى تۈرمىدە ئىكەنلىكى، جازا بېكىتىلگەن ياكى بېكىتىلمىگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. 
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنى يوقىتىشتىن ئىبارەت رەزىل پىلانىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئاددىي مۇسۇلمان ئاممىسىنىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزىمغا ماسلاشتۇرۇش سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلگەن دىنىي زاتلارنى، ھەتتا كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەزا بولۇپ، خىتايغا بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلغان زىيالىلارنىمۇ زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقى چەتئەلدە پائالىيەتكە قاتناشماي، خىتايدىن شەپقەت كۈتۈپ يوشۇرۇنۇۋالغان ھەرساھە كىشىلىرىگە قىلىنغان ئويغىنىش سىگنالى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى، چەتئەلگە چىقىپ بىر قانچە كۈن تۈرغان كىشىلەرمۇ خىتاينىڭ زەربە بىرىش نىشانى قىلىنغان يەردە چەتئەللەردە بىر قانچە يىل يۈشۇرنۇپ يۈرگەن كىشىلەرنىڭ خىتايدىن شەپقەت كۈتۈشى روھى تەسلىمچىلىكنىڭ ئىپادىسى  دېيىشمەكتە.

بۇ خەۋەر 10767 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2019 18:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق