خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىناق نۇقتىسى قىلدى

شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىجرا قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خىتاي يېڭىدىن مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، شەرقىي تۈركىستاننى يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىناق نۇقتىسى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 9-ماي خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي 2024-يىللىق ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتى» ناملىق ھۆججەت ئېلان قىلغان. ھۆججەتتە يېزا ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش، 2-نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىك مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىشنى يېزا-بازار بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى باشلاش، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، غۇلجا شەھىرى، گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ يېزا ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش، ۋاكالىتەن باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش، ۋاكالىتەن باشقۇرۇش كۆلىمىنى 60 مىليون مو قېتىمدىن ئاشۇرۇش قاتارلىق پىلانلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئاتالمىش «شىنجاڭ خەۋەرلىرى»نىڭ 2020-يىلى 12-ئايدا ئاشكارىلىشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي بۆرتالا شەھىرىدە 2017-يىلىدىن باشلاپ ئاتالمىش «دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىش» نامىدا مەزكۇر شەھەرگە تەۋە 13 كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىپ تارتىۋېلىش ھەرىكىتىنى باشلىغان. 2020-يىلىغا كەلگەندە شەھەردىكى 43 يېزىدا دېھقانلارنى مەجبۇرىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتۇرۇپ يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىشنى ئومۇملاشتۇرغان. 2020-يىلىغا قەدەر بۆرتالا شەھىرىدىكى 13 مىڭ 700 دىن ئارتۇق دېھقان يەرلىرىنى ئاتالمىش كوپىراتىپقا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. يېزىلاردىكى يەر ھوقۇقىنى تىزىملاش ۋە تارقىتىش نىسبىتى %100 كە يەتكەن.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر سىياسەت دەسلەپتە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە باشلانغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ۋىلايەتتە يەر ھۆددىگەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە تىزىملاش كىنىشكىسى تارقىتىش تاماملانغان ۋە 2020-يىلىغىچە كوپىراتىپ نامىدا ھۆددىگە ئالغان ئومۇمىي يەر مەيدانى 5 مىليون 710 مىڭ گېكتارغا يەتكەن. دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى ئاتالمىش «ئوبوروت قىلىش» نامىدا تارتىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ تاماملىنىش نىسبىتى %99.02 گە يەتكەن.

خىتاي يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا ئالدى بىلەن ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن يېزا-كەنتلەردىكى دېھقانلارنى تۈرمە، جازا لاگېرلىرىغا سولىغاندىن باشقا، ئۇلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرىنى خىتاي ئاققۇنلىرىغا بۆلۈپ بەرگەن ياكى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بېرىشكە مەجبۇرلىغان. ئاندىن يەرلىرىدىن ئايرىلغان دېھقانلارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشقا شارائىت ھازىرلىغان، ئارقىدىن ھەر خىل ناملار بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرگەن. خىتاي بۇ قېتىم تارقاتقان ئاتالمىش «يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» ھەققىدىكى ھۆججەت دەل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان دېھقانلارنى مەجبۇرىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتناشتۇرۇپ، ئاتالمىش «يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىش» نامىدا يەرلىرىنى تارتىۋېلىش جىنايىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ يولغا قويغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2714 قېتىم كۆرۈلدى
11/05/2024 13:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق