خىتاي باش مىنىستىرى شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ جازا يۈرگۈزۈلگەن شىركەتلەرنى زىيارەت قىلدى

خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ ئالدىنقى ھەپتە تۇيۇقسىز شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكا تەرىپىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن خىتاينىڭ شىركىتىنى مەخسۇس زىيارەت قىلغان.

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى 10-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئالدىنقى ھەپتە خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ كۈن زىيارەتتە بولغان ۋە بۇ جەرياندا «ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتىن ئېچىۋېتىشنى، خەلقئارا ئالاقىنى كۈچەيتىش، غەربكە ئېچىلغان كۆۋرۈك بېشىدىكى ئىستىھكام بەرپا قىلىش» قاتارلىقلارنى تەكىتلىگەن. لى چياڭ يەنە تۆت يىلدىن بېرى ئامېرىكىنىڭ جازا تىزىملىكىدە تۇرۇۋاتقان خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللىق توقۇمىچىلىق شىركىتى يىدا گۇرۇھىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارماق شىركىتىنى زىيارەت قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈلۈشىچە، لى چياڭ ئامېرىكا سودا ساھەسىدە قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن شىركەتلەرنى زىيارەت قىلىشتا شەرقىي تۈركىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان بۇ شىركەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئېتىراپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تۇتقا قىلغان ئاساستا خىتايغا بېسىم قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، مەزكۇر زىيارەت ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا شەرقىي تۈركىستاننى تاشقى دۇنياغا ئېچىۋېتىش تەدبىرىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى چياڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە باشقا ئەمەلدارلار بىلەن بىللە 7-مايدىن 9-مايغىچە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان. خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ شى جىنپىڭ 23-ئاپرېل چۇڭچىڭدا يىغىن چاقىرىپ، ئاتالمىش «غەربىي رايوننىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» ھەققىدە يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، لى چياڭنىڭ تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، لى چياڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئۈرۈمچى، سانجى قاتارلىق رايونلارنى زىيارەت قىلغان. بۇ جەرياندا دېھقانچىلىق، توقۇمىچىلىق، تېخنىكا، ئېنېرگىيە ۋە خىمىيە بۇيۇم قاتارلىق ساھەلەردىكى نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىقات ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. جۈملىدىن سانجىدا ئامېرىكا قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن يىدا گۇرۇھى توقۇمىچىلىق سانائىتى شىركىتىنى زىيارەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 2020-يىلى خىتاينىڭ داڭلىق توقۇمىچىلىق سانائىتى شىركىتى بولغان يىدا گۇرۇھى ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا ئاساسەن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەزكۇر شىركەت ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى خېرىدارلىرىنى يوقاتقان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قاراتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئەيىبلەپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»نى ماقۇللاپ، 2022-يىلى 6-ئايدىن تارتىپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشىنى چەكلەشكە تىرىشىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 2154 قېتىم كۆرۈلدى
13/05/2024 14:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق