گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئاپتوموبىل سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئورتاقلىشىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز 16-ئاپرېل خىتاينى زىيارەت قىلغان بولۇپ، گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىل ۋە ئەقلى ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشتا ھەمكارلىشىش توغرۇلۇق بىرلەشمە بايانات ئىمزالىدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە بىلەن خىتاي ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا ئېرىشىلگەن سانلىق مەلۇماتلارنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق ئۆلچەم ۋە قائىدىلەرنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقى ھەققىدە كېلىشىم تۈزگەن. گېرمانىيە ئاپتوموبىل جەمئىيىتى VDA نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تەرەققىي قىلدۇرغىلى ۋە بايلىقىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.

بۇ بايانات ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا خىتاي تېخنىكىسىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى ۋە ئۇ يەردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش خەۋپىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئىمزالانغان. ئەمما گېرمانىيە ئاممىباب شىركىتىنىڭ خىتاي رايونى دىرېكتورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا سودا مەسئۇللىرى خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتلارنى خىتايدىن ياۋروپاغا يۆتكەش چەكلىمىسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ خىل چەكلىمە ياۋروپانىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى ياۋروپادىن خىتايغا يۆتكەش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىدىن كۆپ قاتتىق ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دۆلەت ئىچى سانلىق مەلۇماتلىرىنى باشقۇرۇشقا بولغان بەلگىلىمىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلارنى چەت ئەلگە يۆتكەشتىن بۇرۇن بارلىق كەسىپلەر ئىجازەتنامىگە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك ئىكەن. ئۆتكەن يىلى خىتاي ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ سانلىق مەلۇمات قائىدىسىنى چىڭىتىپ، خىتاي ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماشىنىلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى بىۋاسىتە چەت ئەلگە يەتكۈزۈشىنى چەكلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇ ئارقىلىق چەت ئەل شىركەتلىرىنى خىتاينىڭ بۇلۇت مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1496 قېتىم كۆرۈلدى
19/04/2024 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق