ئامېرىكا خىتاي ۋە رۇسىيەنى سۈنئىي ئىدراك بىلەن يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلماسلىققا چاقىردى

ئامېرىكا خىتاي بىلەن رۇسىيەنى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئارقىلىق، يادرو قوراللىرىنى كونترول قىلماسلىققا چاقىرىق قىلغان.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 2-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بىر ئالىي ئەمەلدارى خىتاي ۋە رۇسىيەنى ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇش قارارىنى ئۈلگە قىلىپ، يادرو قوراللىرىنى سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئادەم كۈچى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قورال-ياراغ كونترول قىلىش ئەمەلدارى پول دىئېن پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش تور يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ يادرو قورالىنى تولۇق كونترول قىلىدىغانلىقى ۋە سۈنئىي ئىدراك ئىشلەتمەيدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ۋە قەتئىي ۋەدە بەرگەنلىكىنى، فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭمۇ ئوخشاش قارار چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە: «بىز خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بايانات ئېلان قىلىشىنى قارشى ئالىمىز» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن نۆۋەتتە خىتاي بىلەن يادرو قوراللىرى سىياسىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە سۈنئىي ئىدراكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئايرىم سۆھبەتلىشىشكە تىرىشماقتىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن 26-ئاپرېل بېيجىڭدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەندە سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنىڭ كېڭىيىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

بىلىنكېن ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە سۈنئىي ئىدراك توغرىسىدا تۇنجى ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلغانلىقىنى، تېخنىكىنىڭ خەتىرى ۋە بىخەتەرلىكىنى قانداق باشقۇرۇش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خىتاي دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ يادرو قورال كۈچىگە ئىگە بولۇپ، يادرو قورال ئامبىرىنى شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان. خىتاي بۇ يىل 2-ئايدا ئالدى بىلەن ئامېرىكا ۋە باشقا يادرو قورال كۈچلىرىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، يىغىندا ھەر قايسى تەرەپلەر بىر-بىرىگە قارشى يادرو قورالىنى ئىشلەتمەسلىككە ۋەدە بېرىشكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1426 قېتىم كۆرۈلدى
03/05/2024 19:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق